بىز ھەققىدە

About Us

شىركەت ھەققىدە شان - شەرەپلىرىمىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ شان شەرەپ لىرىمىز زاپاس بەت پايدىلىنىش ماتىرىيالى
شىركەت ھەققىدە

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى 11 ئايدا دىيارىمىزنىڭ گۈزەل شەھىرى ئاقسۇدا قۇرۇلغان بولۇپ ،تۈنجى قەدەمدەئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بىلەن سىناق قىلىپ ھۆسنىگۈل داغ-سەپكۈن يوقۇتۇش مەلھىمىنى بازارغا سالدى .

شىركەت لىدىرى ياسىنجان بىلەن شىركەتنىڭ مۇئاۋېن لىدىرى رۇشەنگۈل خانىم بۇنىڭ بىلەن توختاپقالماي جاپالىق ئىزدىنىش –تەتقىق قىلىپ بازار تەكشۈرۈش جەريانىدا، رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇن خانىم- قىزلارنىڭ گۈزەللىككە ناھايتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بولۇپمۇ تېرە ئاسراش تېرە ئاقارتىشقا دائىر مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ بەكلا يۇقۇرىلىقىنى ھىسقىلپ تەبىئى ئۈسۈملۈك جەۋھەرلىرىدىن ياسالغان يەنە بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى .ھۆسنىگۈل شىركىتى بۇ مەھسۇلاتلارغا ئىشلىنىشتىن تارىپ بازارغا سېلىنغىچە بولغان جەرياندا،ۋاكالىتەن مال ئىشلەپ بېرىۋاتقان زاۋۇتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەربىر ئۆتكەلنى قاتتىق تەكشۈرۈپ يۇقىرى تەلەپ بىلەن سۈپىتىدە مەسىلە بار ماللارنىڭ بازارغا كىرىشىدىن قاتتىق ساقلاندى .

ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى ھازىرغا كەلگىچە داغ-سەپكۈن يوقۇتۇش تېرە ئاسراش چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى قاتارلىق60خىلغا يېقىن مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىپ دىيارىمىزدىكى كەڭ خانىم-قىزلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى شۇنداقلا دىيارىمىزدا تېرە ئاسراش تېرە ياشارتىشقا دائىر يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ يوق بولىشىدەك بىر ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلدى.ھازىر ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىيارىمىزدا 50 دىن ئارتۇق سېتىش نۇقتىلىرى قۇرۇلدى .
ھۆسنىگۈل شىركىتى بۇيىل يەنە -2012يىلى -11 ئاينىڭ 28-كۈنى دىيارىمىزنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆسنىگۈل شىركىتىنىڭ بىرقىسىم ۋاكالەتچىلىرى بىلەن خېرىدارلار ۋەكىلىنى تەكلىپ قىلىپ ،پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھپەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يىل ئاخىرقى خىزمەت خۇلاسە دوكلاتى قىلدى .بۇ سۆھپەت يىغىنىغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ھۆسنىگۈل شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ،ھۆسنىگۈل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان خېرىدارلار بولۇپ 200 يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
شىركەت ۋاكالەتچى ئورۇنلارنى دەرىجە بويىچە بىرىنچى ئىككىنچى ئۈچۈنچى دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى .

مۇكاپاتلانغان ۋاكالەتچىلەر ئۆزلىرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلپ بۇندىن كېيىن مەھسۇلاتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى چىقىپ بەرسە ئۇزاق مەزگىلگىچە سېتىش توغرىسىدا سۆز قىلدى . يىغىندا خېرىدارلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ ئۈزلىرىنىڭ شىركەت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان رازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يېڭى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى .

(بايان:شۇنداق ،بىرئاددى كىچىككىنە دۇكاننىڭ راۋاجلىنىپ ھازىرقىدەك تەرەققى قىلغان شىركەتكە ئايلىنىشى ئاسان ئىشمۇ ،بۇنى ياسىنجان بىلەن خانىمى رۇشەنگۇل خانىمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . ھۆسنىگۇل شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان مۇئاۋىن لىدىرى رۇشەنگۇل خانىم ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ۋاكالەتچىلەرنىڭ يۇرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىدى . بۇنىڭغا قارىتا شىركەت باش لىدىرى ياسىنجان ۋاكالەتچىلەرگە بۇنىڭدىن كىيىن ھۆسنىگۇل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇياخشى قىلىش مۇكاپاتلىق سېتىش ئورۇنلاشتۇرۇش يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم يىغىلىپ خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ دوكىلات قىلىش خېرىدارلارنىڭ تەلەپ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ، ھۆسنىگۇل ماركىسىنى شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان ماركىسىغا ئايلاندۇرۇش شىنجاڭ رايۇنىدا زاۋۇت قۇرۇپ ، ئۆزمەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىپ ،تىجارەت دائىرسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۇزلەندۇرۇش، ھەرقايسى جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار مەكتەپلەرگە ياردەم قۇلىنى سۇنۇش ،ھەربىر شەھەر ناھىيە بازارلىرىدا مۇھىتى ئازادە ،زامانىۋىلاشقان ھۆسنىگۇل زەنجىرسىمان مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى تەسس قىلىپ ،گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم –قىزلىرىمزنىڭ گۇزەللىككە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش خېرىدارلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش ، گۇزەللىك توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش توغرىسىدا ۋاكالەتچىلەر بىلەن يۇز تۇرانە پىكىرلەشتى ، ۋاكالاتچىلەرمۇ شىركەتنىڭ بۇندىنكېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى .
(بايان:ئاخىردا بىزمۇ ،شىنجاڭ ھۆسنىگۇل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ،ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۇمۈت قىلىمىز !)