خەۋەر - ئۇچۇرلار

News

شىركەت خەۋەرلىرى
«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)
ۋاقتى : ‏2024-04-24 مەنبەسى : ھۆسنىگۈل تورى يوللىغۇچى : ھۆسنىگۈل كۆرۈلىشى:

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»

 

يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى

 بېيجىڭدىن يىتىپ كەلگەن  گىرىم -بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى 

ئىككى دانە شەرەپ گۇۋاھنامىسنى ئىككىنچى قېتىم تاپشۇرۇپ ئالدى.

0001.jpg

بۇ ئىككى گۇۋاھنامىنىڭ بىرسىدە «جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقىدىن 

ئۆتكەن ئون ياخشى ماركا » گۇۋاھنامىسى يەنە بىرسى «7-نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇنەۋەر

ماركا كارخانىلىرىنى باھالاش ۋە 2024-يىللىق داڭلىق ماركا،كارخانا مەدەنىيىتى يارتىشتىكى

ئۈلگىلىك كارخانا »دىگەن خەتلەر ئالتۇن رەڭلىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا  چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

شىركىتىمىز قۇرۇلغان 17يىلدىن بۇيان ھەرۋاقىت گۈزەللىكىنى سۆيگۈچى خانىم-قىزلارنىڭ 

يېقىن دوستى سۈپىتىدە قەدىرلىنپ كەلدى. شۇنداقلا 17يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايرىلىرىدىكى 

ھەرساھە كىشىلىرى ئۈچۈن 15مىليون يۈن قىممىتىدىكى ماددى بۇيۇم،نەقپۇل ۋە گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراپ كەلدى.بۇنىڭغا جاۋابەن  

500 پارچىدىن ئارتۇق لەۋھە ۋە رەخمەت خېتى تاپشۇرۇپ ئالدى،شۇنداقلا شىركەت ۋە شىركەت رەھپەرلىرى مەركەز ،ئاپتۇنۇم رايۇن،ۋىلايەت تەرىپىدىن

ئوخشاش ساھەلەر ئارىسىدىكى ئىلغار شەخىس،ئىلغار كاللىكتىپ  دەپ باھالىنىپ  20پارچە گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشتى .

0002.jpg

شىركىتىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى قوش نەتىنجىگە ئېرىشىشى ئىككىنچى قېتىملىقى بولۇپ بىرىنچى قېتىملىقىنى2010-يىلى ۋە 2017-يلى تاپشۇرۇپ ئالغان بۇقېتىم بىرلا ۋاقىتتا  قوش شەرەپنىڭ كېلىشى بىزنى بەكلا ھايانجانلاندۇردى ،شۇنداق بۇ شان-شەرەپلەر گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم-قىزلارنىڭ شىركىتىمىزنى قوللىشىدىن كەلگەن بىز ئۇلارغا كوپتىن- كوپ رەھمەت ئېيتىمىز-شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىمىزدا يېتىپ كېلىۋاتقان ئەمگەكچىلەر بايرىمى بىلەن ياشلار بايرىمىدا بۇلارغا رەھمەت ئېيتىش مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدۇق دىدى شىركەتنىڭ لىدىرى  ياسىنجان مەمەت ئەپەندى.